Uyghur主要词典
يەنە
ئاھاڭداش سۆزلەر
باغلىغۇچى.
قايتا - قايتا.
ھېلى كېتىۋىدى يەنە كەلدى. * يەنە دېسەم، يەنە دەيدۇ، ئاستا دېسەم بەكرەك (ماقال). * يەنە دېسە يەنە شۇ، مەتباقىنىڭ بېرى شۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
بىرىكتۈرگۈچ باغلىغۇچ.
ۋە، ھەم.
مەن يەنە سەن ئىككىمىز ئۆيدە تۇرۇپ تۇرايلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرىكتۈرگۈچى باغلىغۇچى، بىر خىللىققا ئىگە سۆز ۋە جۈملىلەرنى بىرىكتۈرىدۇ.
خەلققە ھەمىشە مېھرىبان بول، ياخشىلىققا تىرىش ۋە ئامان بول. ھىجران قايغۇسى ھەم ۋىسال شادلىقىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرمىگەن ئادەم تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى چۈشىنەلمەيدۇ. كىمدە كىم ئادەملىك ھەمدە ئىدراك - پەم، ئۆلۈك مىسالىدۇر تىرىكلىكتە ھەم. ئەمەت، سەمەت، يەنە مەمەتلەر ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى. مەزىن بىلەن خوراز قورسىقى ئاچقاندا توۋلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يېڭىدىن، باشقىدىن، قايتا، تەكرار.
يامغۇر يەنە ياغدى.
يۈك. بۇنىڭدىن باشقا، بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە.
بۇلا ئەمەس، ھەربىر يىلنى يەنە 12 ئايغا بۆلۈپ، 12 ئاينى بىر مۈچەلگە بۆلۈپ ئۇلارغا ئۆز تىللىرىدا ھەر خىل ناملار قويۇپ بېرىلگەن.