Uyghur主要词典
يەككىچلىك
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە يولغا قويغان بىر تۈرلۈك دىپلوماتىيە سىياسىتى. يەنى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە ياۋروپانىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي توقۇنۇشىغا تارتىلىپ كىرىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، ئىتتىپاق تۈزمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىش سىياسىتى. 1796 - يىلى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى ۋاشىنگتون خىزمىتىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى پارلامېنتقا يازغان <خوشلىشىش مەكتۇپى> دا ئامېرىكىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ياۋروپادىن ئۈزۈك ھالدا تۇرغانلىقتىن چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن قورۇقمايدۇ، ياۋروپا مەنپەئىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئاز دېگەننى سەۋەب قىلىپ، ئامېرىنىڭ تەقدىرىنى <ياۋروپانىڭ ھەرقانداق بىر بۆلىكىنىڭ تەقدىرى بىلەن چېتىپ قويۇشقا بولمايدۇ> دېگەن پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1180 - يىلى ئۈچىنچى قېتىملىق زۇڭتۇڭ جېففېرسون خىزمەت تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقىدا: <ياۋروپا سىستېمىسى بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئالاقە باغلىماسلىق>، <ھەرقانداق بىر دۆلەت بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەسلىك> نى جاكارلىغان. ⅩⅩ ئەسىردىن ئىلگىرى يەككىچىلىك ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.