Uyghur主要词典
يەككە جىنىسلىق كۆپىيىش
بىئولوگىيە
جىنىسلىق كۆپىيىدىغان ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى ئانىلىق كۆپىيىش ھۈجەيرىسى (ياكى تۇخۇم) ئۇرۇقلانماىي تۇرۇپلا مۇستەقىل يېتىلىپ ئەۋلادقا ئايلىنىدىغان بىر خىل كۆپىيىش ئۇسۇلى. ئەگەر ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇن ھۈجەيرىسى تولۇق يېتىلىپ جۈپ ھەسسىلىك ئانىلىق يەككە تەننى ھاسىل قىلسا، ئانىلىق ھاسىل قىلىدىغان يەككە جىنىسلىق كۆپىيىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ياز پەسلىدىكى يوپۇرماق پىتى؛ ئەگەر ئورۇقلانمىغان تۇخۇم ھۈجەيرىسى يېتىلىپ تاق ھەسسىلىك ئاتىلىق يەككە تەننى ھاسىل قىلسا، ئاتىلىق ھاسىل قىلىدىغان يەككە جىنىسلىق كۆپىيىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسى. بەزى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئادەت خاراكتېرلىك يەككە جىنىسلىق كۆپىيىشى تەبىئىي يەككە جىنىسلىق كۆپىيىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، مۈپتى، مامكاپ، بالدۇر پېشىدىغان باشاقلىق ئۆسۈملۈك قاتارلىقلار؛ بەزى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇمىنى سۈنئىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ (مەسىلەن، خىمىيىلىك ياكى فىزىكىلىق ئامىللارغا غىدىقلىتىش ئارقىلىق) مۇستەقىل يېتىلدۈرۈپ ئەۋلاد ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، بۇ سۈنئىي ئۇسۇلدا يەككە جىنىسلىق كۆپىيىش دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ھايۋانلار (مەسىلەن، دېڭىز كىرپىسى، ئۆي پىلە قۇرتى، بېلىق، چارپاقا، توشقان قاتارلىقلار) ئۈستىدە يەككە جىنىسلىق كۆپەيتىش تەجرىبىسى ئىشلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى.