Uyghur主要词典
ياخشى بولماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەلدىن قۇتۇلماق، شىپا تاپماق.
ساراڭ ساقايماس. قېلىچ يارىسى ساقىيار، تىل يارىسى ساقايماس. قىڭغىر ئېغىزنى قىرىق دورا بىلەن داۋالىساڭمۇ تۈزەلمەيدۇ. سەۋرى قىلغان ئوڭلىنار. كېسەلگە سەۋەب قىل، ياخشى بولۇپ قالىدۇ. ئۆمەر كېسەلدىن ئۆرە بولۇپ قاپتۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاغرىق - سىلاقتىن قۇتۇلماق، خالىي بولماق.
ئاغرىماق، كېسەل بولماق، بىتاپ بولماق، ساقسىز بولماق
ئاغرىق - سىلاققا مۇپتىلا بولماق، تەن ساقلىقتىن ئايرىلماق.
قېلىچ يارىسى ساقىيار، تىل يارىسى ساقايماس. قىڭغىر ئېغىزنى قىرىق دورا بىلەن داۋالىساڭمۇ تۈزەلمەيدۇ. سەۋرى قىلغان ئوڭلىنار. كېسەلگە سەۋەب قىلساڭ، ياخشى بولۇپ قالىدۇ. ئۆمەر ئۆرە بولۇپ قاپتۇ. كۆزۈڭ ئاغرىسا، قولۇڭنى تارت. كېسەل بولساڭ، دەرھال داۋالات. بىتاپ بولغان كىشىگە قايناقسۇ شىپا. ئاغرىغان چىشنىڭ دورىسى ئامبۇر. كېسىلىڭنى بىلگىنىڭ ساقىيىشقا قاراپ ماڭغىنىڭ. ساقسىز بولساڭ، سوغۇقتىن ساقلان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ياخشى ھالەت شەكىللەنمەك، ياخشىلانماق.
ياىشىلىقىڭدىن ياخشى بول (ماقال).
ياخشى بولساڭ ئېشىڭنى يەيسەن، يامان بولساڭ بېشىڭنى يەيسەن (ماقال).
يامان كۈنلەر ياخشى بولۇر، يامان ئادەم ياخشى بولماس (ماقال).
ساقايماق، ئەسلىگە كەلمەك، ئوڭشالماق، ياخشىلانماق.
قۇددۇس كېسىلىنىڭ ھەربىر قېتىم ۋاقتىنچە ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان چاغدا خۇددى بۈگۈنكىدەك ئورنىدىن تۇرۇۋېلىپ، مىللىي ئارمىيىگە قوشۇلۇۋېلىش ئۈچۈن تالاغا ماڭاتتى.
يارىماق، ياقماق.
ھازىرقى كۈندە باشقىلارغا ياخشى بولماقمۇ قىيىن بولۇپ قاپتۇ.