Uyghur主要词典
ياخشى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر جەھەتتىن تولۇق، ساق، ئۈستۈن ھالەت.
<ئەۋزەل>، <ئەلا>، <ساز>، <خوپ> لار ئادەمنى سۈپەتلەپ كەلمەيدۇ.
ياخشى ئېشىنى يەر، يامان بېشىنى يەر. ياخشى نەدە بولسا ياخشى. سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق، نان ياخشى. ھالال ئىشلەپ تاپساڭ ئەگەر ئارپا نان، خەقنىڭ ئاق نېنىنى يېگەندىن ئوبدان. كىشىنىڭ ئاغزىغا قاراپ، مەنسەپ تۇتقاندىن، ئۆز ئەركىگە ئىگە پۇقرا بولغان دۇرۇس. ئۆزىگە يارىشار ئەخمەقنىڭ چۈشى، نە بىر قىممىتى بار، نە تۈزۈك ئىشى. كىمنىڭ ئەگەر بەلەن بولسا ھىممىتى، كونا كىيىمىدىمۇ چوڭدۇر ئىززىتى. ئېيتىلغان سۆزدىن ئېيتىلمىغان سۆز ئەۋزەل. ۋاقىت ھەممىدىن ئەلا. بۈگۈنكى تۇخۇم ئەتىكى توخۇدىن ئەلا. ئاز بولسىمۇ، ساز بولسۇن. ئېسىل دوست يىراقلاشماس. مۇھەببەتنىڭ ئېسىلى دەسلەپكىسى. بوراندا ئۆز كۆزۈڭگە ئىشەنگىنىڭ خوپ، يامغۇردا ئۆز ئۆتۈكۈڭنى كىيگىنىڭ خوپ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىجابىي خۇسۇسىيەتلىك، كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغان، ئارتۇقچىلىقى كۆپ، ئومۇمىي ئۆلچەمگە چۈشىدىغان، سۈپەتلىك.
يامان ، ئوسال، ناچار، ئەسكى ، قەبىھ، ياۋۇز
سەلبىي خۇسۇسىيەتلىك، كىشىنى مەمنۇن قىلمايدىغان، كەمچىلىكى كۆپ، ئومۇمىي ئۆلچەمگە توشمايدىغان، سۈپەتسىز.
بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ. ئاتنىڭ يامىنى ئالا، خوتۇننىڭ يامىنى بالا. ياخشى ئاتاق بىر قامچا، يامان ئاتقا يۈز قامچا. ئوبدان باولساڭ ئالىدۇ، ئوسال بولساڭ ئاسىدۇ. ئېسىل نەرسىنىڭ قاچىدا يۇقى قالار. قىرسىز يەر ئەسكى، پۇلسىز ئەر ئەسكى. ناچار ئادەم تۆرۈڭدە ياتا، تۆرۈڭدىن چۈشسە، ئەيىبىڭنى ئاچار. ئادەم ئەسكىسى ئەمەس، كىيىم ئەسكىسى. ئېسىل سۆز ئالماسنى كېسەر. ئوبدان بولسا، ئۆزۈڭگە بالا، ناچار بولسا، بېشىڭغا بالا. ئاسماندىكى ساردىن قولۇڭدىكى قۇشقاچ ئەلا. يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. قىڭغىر دەرەخنىڭ قۇرۇغىنى ئەۋزەل. بۇزۇق ئادەمنىڭ ئۆلگىنى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىسىملاشقان: ئەدەب - ئەخلاقى، خۇي - پەيلى ئوبدان، ياخشىلىقنى كۆزلەيدىغان (كىشى).
يامان ، ئەسكى ، ياۋۇز
ئەدەب - ئەخلاقى، خۇي - پەيلى بۇزۇق، يامانلىقنى كۆزلەيدىغان (كىشى).
ياخشىنى يامان بۇزىدۇ. ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم. ياخشى ئاش ئۈستىگە كېلەر، يامان سۆز ئۈستىگە. ياخشى ئاز، يامان كۆپ، بۇغداي ئاز، سامان كۆپ. ئەسكىنى ئالداپ ئىشلەت، تاسمىنى مايلاپ. ياخشىدا تۇرمىغان خوتۇن ئەسكىدە تۇرار. ئەزگۈ ئەزگۈلۈك قىلار، ياۋۇز ياۋۇزلۇق. ياۋۇزنىڭ يولدىشى كۆپ، ياخشىنىڭ كۈندىشى. ياماننىڭ ياخشىسى بولغۇچە، ياخشىنىڭ يامىنى بول؛ قارىمۇقنىڭ دانىسى بولغۇچە، بۇغداينىڭ سامىنى بول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياخشى.
ھەر نەرسىنىڭ ياخشىسى. ياخشى نەڭ _ ياخشى نەرسە. ياخشى ئىش _ ياخشى ئىش.
3 - 41
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئوبدان، بەلەن، ياماننىڭ ئەكسى.
ياخشى ئادەم، ياخشى ئىش.
رەھىمىسى يوق ئادەمدىن، رەھمىسى بار ئىت ياخشى (ماقال)
رەۋ. دەل ۋاقتىدا؛ تازا، راسا، خوپ.
بۇنى تېخى بىرەرىگە سۆزلەپ بەرگىم كېلىپ ئولتۇراتتىم، ياخشى كەپسىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ياخشى، بەلەب، قەۋەت.