Uyghur主要词典
ياۋاش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چارە - ئامالى يوق، ھالى - كۈنى ناچار.
تىرىك بىچارىدىن ئۆلۈك باتۇر ئارتۇق. بىچارە ھاياتتىن مەزمۇنلۇق ئۆلۈم ئەلا. بايقۇشنىڭ بويىندىن يىپ كەتمەيدۇ. ياۋاش يولدا قالىدۇ. مۆمىن ئاش تاپسا، قوشۇق تاپالمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىر - بېسىق، غەلۋىسى يوق.
مېھمان قويدىنمۇ ياۋاش. شىر ھەرقانچە ياۋاش بولسىمۇ، قولۇڭنى ئاغزىغا تىقما. رايىش موللام زاكات ئالار. قەھرىتان قىشتا توڭگۇزمۇ مۆمىن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆندۈرۈلگەن، تېخى يەنە تېز يۈرمەيدىغان (ئات - ئۇلاغ ھەققىدە).
شاش، توسۇن، ئاساۋ
كۆندۈرۈلمىگەن (ئات - ئۇلاغ ھەققىدە).
ئۆكۈز بىلەن شاش توشقانغا يېتىمەن دېمە. ياۋاش ئاتقا مىنىپ يېقۇلغۇچە، شاش ئاتقا مىنىپ يېقىل. توسۇن ئاتقا قاۋۇل ھارۋىكەش لازىم. ئاساۋ ئات ئادەم ئۆلتۈرەر. شاش ئات يىگىتنى گۆرگە تىقىپ توختايدۇ. كۆنۈك ئاتنىڭ كۈنى تەس. ئاغزى يۇمشاق موزاي شاش كالىنى ئېمىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياۋاش ~ يۇۋاش.
ياۋاش كىشى _ يۇۋاش كىشى. كۆنۈك ھايۋانلارغىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قولداش بىلە ياراشغىل قارشىپ ئادىن ئۈدۈرمە
بەك تۇت ياۋاش تاقاغۇ سۈۋلىن يازىن ئەدەرمە
«قولدىشىڭنى ھۆرمەت قىل، باشقىلارنى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن قويما،
ياۋاش توخۇيۇڭنى چىڭ تۇت، جاڭگالدىكى قىرغولنى ئىزدىمە.»
نەسىھەت قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى بىلەن ھەمسۆھبەت بولساڭ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىل، ھەممە ئىشتا ئۇنىڭغا مۇۋاپىقلاشقىن، ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشما، باشقىلارنى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كۆرمە؛ ئۆيۈڭدىكى توخۇغا ئوبدان قارا، ئۇنى قاچۇرۇپ قويۇپ جاڭگالدىكى قىرغولنى ئىزدەپ يۈرمە.
3 - 12
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يۇمشاق، سىلىق، مۇلايىم، ياۋاش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. شوخلۇق قىلمايدىغان، ئېغىر - بېسىق، ئىتائەتمەن، تىنچ ياكى جىم يۈرىدىغان، رايىش، مۆمىن.
ياۋاش بالا. ياۋاش كالا.
بىر ياماندىن قورق، بىر ياۋاشتىن قورق (ماقال).
مېھمان قويدىن ياۋاش (ماقال).
سۈپ. تۆۋەن، ئاستا، بوش.
سۇتۇق ئاۋازىنى ياۋاش چىقارماق بولغان بولسىمۇ، لېكىن، بۇيرۇق ئاۋازىغا ئوخشاپ كەتتى.
ناغرا، سۇناي بىر پەس ياۋاشراق ئاھاڭدىن كېيىن بىردىنلا شوخ ئۇسسۇل ئاھاڭىغا يۆتكەلدى.
رەۋ. ئاستا، سۇس، يەڭگىلگىنە.
بوۋاي باشتىكى پەدە بىلەن ساتارىنى ياۋاش چۈشەردى.
ئۇلار ئازراق پىرقىرىغاندىن كېيىن، بىر پەس ياۋاش ئوينىدى - دە، يەنە پىرقىراشقا باشلىدى.