Uyghur主要词典
ياۋا دۋىپا
دۇنيا تارىخى
ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئېنىق ئەمەس. ئاساسەن ياۋادا ۋە سۇماترادا دېگەن گەپ بار ياكى بۇ ئىككى ئارال قوشۇلۇپ شۇنداق ئاتالغان دېگۈچىلەرمۇ بار. ھىندىستاننىڭ <رامايانا> داستانى ۋە مىلادى Ⅱ ئەسىردە ئۆتكەن يۇنان جۇغراپىيە ئالىمى پتولېمېينىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ دۆلەت تىلغا ئېلىنغان. جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا يېجۇ دەپ تەرجىمە قىلىنغان. <كېيىنكى خەننامە> دە خاتىرىلىنىشىچە، 131 - يىلى (شەرقىي خەن سۇلالىسى يۇڭجيەن ئالتىنچى يىلى) يىجۇ دۆلىتى جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. 413 - يىلى (جىن سۇلالىسى يىشى توققۇزىنچى يىلى) جۇڭگولۇق راھىب فاشيەن سىمخالا (ھازىرقى سىرىلانكا) دىن شەرققە قايتىپ كېلىشىدە بۇ دۆلەتنى بېسىپ ئۆتكەن.