Uyghur主要词典
ياشلار كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالى
领域: دۇنيا تارىخىئۆسمۈرلەر كوممۇنىستىك ئىنتېرناتىسئونالى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتى بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان خەلقئارالىق ياشلار تەشكىلاتى. لېنىننىڭ تەشەببۇسى ئاستىدا، 1919 - يىلى 11 - ئايدا بېرلىندا 14 دۆلەتنىڭ 29 نەپەر ۋەكىلى قاتناشقان بىرىنچى قۇرۇلتىيىنى مەخپىي چاقىرىپ، ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ باش لۇشيەنىگە ئاساسەن پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ماركسىزم - لېنىنزم بىلەن كەڭ ياشلارنى تەربىيلەپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىلىتارىزم ۋە جاھانگىرلىكنىڭ يېڭى ئۇرۇش قوزغىشىغا قارشى تۇرۇش، كاپىتالىستىك ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزمىگە قارشى تۇرۇش، كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىكى ياشلارنى ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاش، ئېزىلگۈچى دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. سىياسىي جەھەتتە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 56 دۆلەتتە ياچېيكىلىرى قۇرۇلغان. جەمئىي ئالتە قېتىم قۇرۇلتاي ئاچقان. 1943 - يىلى 6 - ئايدا ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تارقىتىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ تارقىلىپ كەتكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。