Uyghur主要词典
ياش گۋاردىيە
دۇنيا تارىخى
سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كومسوموللارنىڭ يەر ئاستى تەشكىلاتى. 1942 - يىلى 9 - ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى ئىشغالىيىتىدىكى دونباسنىڭ كىراسنودون شەھىرىدە قۇرۇلغان. ئۇنىڭ 103 ئەزاسى (1942 - يىلى 12 - ئايدا) بولۇپ، يوشۇرۇن پارتىيە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكىدە دۈشمەن بىلەن ئىنتايىن مۈشكۈل كۈرەش ئېلىپ بارغان. فاشىستلارغا قارشى 30 نەچچە خىل تەشۋىقات ۋەرەقىسىنى بېسىپ تارقاتقان، ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان، جازا لاگېرلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، قولغا ئېلىنغان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزغان ھەمە قوراللىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلىپ، ئىشغالىيەتچى ئارمىيىنى يوقاتقان. 1943 - يىلىنىڭ باشلىرىدا خائىنلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن تەشكىلات بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئەزالىرى قولغا ئېلىنىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. بەختكە يارىشا ئامان قالغان 11 ئەزاسى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى فادېيېۋ 1945 - يىلى ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى <ياش گۋاردىيە> رومانى قىلىپ يازغان.