Uyghur主要词典
يارماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پۇل، تەڭگە؛ ئاقچا، ئالتۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە قىلىپ تارقاتقان، سادا - سېتىق مۇئامىلىسىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدىغان قەغەز ياكى مېتال .
«پۇل» ، «ئاقچا» ئەڭ ئاكتپ سۆزلەر.
«تىزا» ئەسلى مىنگونىڭ باشلىرىدا چىقىرىلغان پۇلنىڭ نامى (贴子 ) ، بىزدە ئومۇمەن «پۇل» مەنىسىدە كېلىدۇ.
ئۆلۈمگە تۇتىدىغانمۇ پۇل، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدىغانمۇ پۇل. پۇل تاپقۇچە، ئەقىل تاپ. پۇل بار چاغدا مېڭى دوست، پۇل يوق چاغدا قېنى دوست؟! ئاقچىغا ئارام يوق. تىزاڭ كۆپەيسە، ئۇيقۇڭ قاچىدۇ. ئالتە تڭگەم بار ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار نار ئالىمەن. تەڭگىنىڭ كۈچى تىيىنىدا. بىر تىيىننىڭ تايىنى يوق. ياماق ياماپ، يارماق تاپ. كىچىككىنە پىنناس، ئالەمنى كېزىپ تىنماس. ئۇ نېمە؟ (مېتال پۇل)
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يارماق، پۇل.
3 - 57
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
يارماق - ئۇيغۇرلار قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئالدى - كەينىدىن باشلاپ قوللانغان پۇل بىرلىكى ۋە مېتال (كۈمۈش) پۇل نامى. مەھمۇت قەشقەرى <پۇچۇق يارماق> سۆزىنى تىلغا ئالغاندا، بۇنىڭغا قارشى ھالدا پۈتۈن يارماق (دۈگىلەك يارماق) مەنىسىدىكى yap yarmak سۆزىنى مىسال قىلغان. بۇنىڭدىن قاراخانىلار دەۋرىدە <پارچە پۇل> ئورنىدىكى <پارچە يارماق> ياكى <پۇچۇق يارماق> نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئالاھىدە ئەھۋالدا يارماق پۇللارنى پارچىلاپ يەنى بۆلۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋردە يارماق پۇللار ئادەتتە مەخسۇس پۇل تارتىدىغان تارازىدا ئۆلچەپ ئوبوروت قىلىناتتى.
ئازادلىقتىن ئىلگىرى غۇلجىدا بىر يارماق ئۈچ - تۆت تومپۇرغا، ئۈچ يارماق بىر تيىنگە ئايرىۋاشلىناتتى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
مۇستەھكەم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئازادلىقتىن بۇرۇن ئىشلىتىلگەن، ئوتتۇرىسى تۆشۈك، سېرىق مىستىن ياكى تۇچتىن ياسالغان، قىممىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان پۇل.
ياماق ياماپ، يارماق تاپ (ماقال).
بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىنار، بىلىمسىز نادان قىممىتى يوق يارماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پالتا، ھەرە، پىچاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تغىلىق ئەسۋابلار بىلەن بىرەر نەرسىنى بۆلەكلەرگە ئايرىماق، پارچىلىماق، تىلماق، كەسمەك.
ئوتۇن يارماق.
ھەقىقەت قىلنى قىرىق يارىدۇ (ماقال).
يارىلاندۇرماق، سۇندۇرماق، جاراھەتلەندۈرمەك.
ئەگرى تاياقنىڭ ئۇچى بۇرنۇڭنى يارار (ماقال).
ناھايىتى قاتتىق ئاڭلانماق، ئۇرۇلماق.
قۇلاقنى يارماق.
ئۇنىڭ ئاۋازى سېھىرلىك تۈن جىمجىتلىقىنى قىسقىلا يېرىپ ئۆتتى.
بىرەر توپ نەرسە ئىچىدىنى، ئوتتۇرىسىدىن، ئارىسىدىن بۆسۈپ ئۆتمەك، كېسىپ ئۆtمەك؛ بۆسمەك.
سەپ يارماق.
مۇقام توختىشى بىلەن، ھەسەن دەرۋىش ئورنىدىن دەست تۇردى - دە، سورۇننى يېرىپ ئۆtۈپ، مۇقامچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ قولىدىن ساتارنى ئالدى.
كۆچمە. ناھايىتى تاتلىق، شېرىن تۇيۇلماق، سېزىلمەك، تىلدا قالماق (تاتلىق يېمەكلىكلەر ھەققىدە): شاخلىرىدا مېۋىسى، يۇلتۇز بىلەن تەڭ ئىكەن. يېسەڭ تىلنى يارىدۇ، ھەسەل بىلەن قەنت ئىكەن.