Uyghur主要词典
ياراشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياراشتى، كېلىشتى.
ئولار ئىككى ياراشدى _ ئۇلار ئىككىسى بىر ئىشتا بىر - بىرى بىلەن كېلىشتى ( ياراشۇر _ ياراشماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئورتاق بولۇپ بىلىشدى
مەنىڭ تاۋار ساتىشدى
بىستە بىلە ياراشتى
كىزلەپ تۇتار تايىمى
ئورتاق بولۇپ تونۇشتى،
ماللىرىمنى سېتىشتى،
بىستە بىلەن كېلىشتى،
تېيىمنى يوشۇرۇپ قويدى.
ياراشقاندىن كېيىن ۋاپاسىزلىق قىلغان كىشىنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇ مەن بىلەن تونۇشۇپ دوست بولدى، ماللىرىمنى سېتىشىپ بەردى، كېيىن بىستە بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، مېنىڭ تېيىمنى يوشۇرۇپ قويدى. بىستە - ئۆيىگە چۈشكەن سودىگەرلەرنىڭ ماللىرىنى سېتىشىپ بېرىدۇ، قويلىرىنى يىغىشىپ بېرىدۇ ۋە سودىگەرنى كۈتىدۇ. سودىگەر كېتەر ۋاقتىدا خىزمەت ھەققى ئۈچۈن يىگىرمە قوي ھېسابىغا بىر قوي ئالىدۇ. توخسى، ياغما، چىگىل قەبىلىلىرىدە مەن بۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
3 - 95