ياراغسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قولىدا قورالى يوق، قوراللانمىغان؛ قورالسىز:[مىسال:] «بىلىپ قويدۇم، بۇ تۇرسۇن ئەمەس، بەلكى ياراغسىز ئىسيانكارنىڭ بىرى ئىكەن» دەپ ئويلىدى ئەمەت.∥ ئۇلار زاپاس قىسىمدىكى ئاددىي ئەسكەرلەرنى ئالدىنقى سەپكە خۇددى ئادەتتىكى يولۇچىلاردەك تامامەن ياراغسىز يولغا سالغانىدى.