Uyghur主要词典
ياقىلار ئېتەك بولدى ئېتەكلەر ياقا بولدى
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«ياقىلار ئېتەك بولدى، ئېتەكلەر ياقا بولدى»بۇ، قىسمەتنىڭ تەتۈرلۈكىدىن ئاق كۆڭۈل، ئەتىۋارلىنىشقا تېگىشلىك كىشىلەر خارلىنىپ، قارا نىيەت، ئالدامچىلارنىڭ قەدىرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: - مانا ئەمدى ياقىلار ئېتەك، ئېتەكلەر ياقا بولۇپ، ئىش باشقىچە يۈرۈۋاتىدۇ، - دېدى ھەسەن قازى.