Uyghur主要词典
ياقا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كىيىمنىڭ بويۇنغا كېلىدىغان يېرى.
پەشمەتنىڭ ياقىسى. * ئۆرە ياقا، قاتلىما ياقا. * ياقىسىغا ئېسىلماق، ياقا سىقىشماق. * بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارماق. * قېشىدا بولسا ئۆز ئانىسى، كىرلەشمەس ئۇنىڭ ياقىسى (ماقال). * ياقىلار ئېتەك بولدى، ئېتەكلەر ياقا (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بوي، ساھىل، چەت.
دەريا ياقىسى. *چەت - ياقا جايلار. * ياقا يۈرت. * دېڭىزدىكىنى ياقىدىن كۈت (ماقال). * ياقا يۈرتتا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول (ماقال).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ياقا، كىيىم ياقىسى:
قىرغاق، چەت، ياقا؛
مۇيەسسەر بولماغاي ۋەسفىڭ ماڭا، ئەي دىلبەرى زالىم،
فىراقىڭدىن ياقامنى ھەر زەمان چاك ئەيلەرمەن.
قەلەندەر.
2. ئەسمەئىي ئول سۇۋ ياقاسىدە دەمى،
ئولتۇرۇپ يۇۋدى زەمىرىدىن غەمى.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەركەزدىن ئۇزاق يەر
چەتتە ئىشلە، ئۆيدە يە. يەككە بولۇپ كېتىمىز، يەر چېتىگە يېتىمىز. دەريا ياقىسىدا يۈر، تۇرما. ئالەمنىڭ كانارى يوق، بىلىمنىڭ چېكى. بىلىم زېمىنىنىڭ قىرى يوق. گىرۋىكى يوق ئېرىقتا سۇ يېيىلىپ ئاقىدۇ. ئاقسە چىن خوتەننىڭ چېتى، چېگرىسى دېمەكتۇر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسىدىن مەلۇم مۇددەت پايدىلىنىش.
ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىپ، بۇرنىنى ئۈششۈتكەن قېرى. ئۆي ئىجارىسى ئىسلاھاتى بولۇۋاتىدۇ. بىر ماشىنىنى كىراغا ئالدىم.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئىجارە (يەر ئىجارىسى).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياقا.
كىيىمنىڭ ياقىسى.
3 - 30
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تەزىيە كۈنى
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئىش ھەققى، ئىجارە بەدىلى
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تەرەپ، يان؛ چەت، ياقا، پاسىل، چېگرا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قىرغاق، بوي، لەپ، ساھىل.
تۈمەن دەرياسىنىڭ ياقىلىرىدىكى سۇۋادان تېرەكلەر ئارىسىدىن ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن تولۇن ئاي گوياكى ئەۋلىيا ئاتىغا قاراپ كۈلگەندەك تۇراتتى.
سۈپ. ئۆزى تۇرغان جايدىن يىراق، ئۆزگە، يات، چەت.
ياقا يۇرت.
ياقا يۇرتقا چىقىپ كەتمەك.
ئى. كۆچمە. بىرەر خەۋپلىك، ھالاكەتلىك ۋەقە، ھادىسىنىڭ باشلىنىشىغا، سادىر بولۇشىغا ئاز قالغان ۋاقىت، پەيت، ھالەت.
— مۇختەر ئۆلدى، سادىقمۇ ئۆلۈم ياقىسىدا، ئەمدى سىز بىلەن ئىككىمىزلا قالدۇق،— دېدى ئاتابېك ھامىدنىڭ قولىدىن تۇتۇپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىيىم - كېچەك
كۆڭلەك ۋە چاپان قاتارلىقلارنىڭ بويۇن ئورنى ئۈچۈن چىقىرىلغان قىسمى ۋە ئۇنىڭغا بىرىكتۈرۈپ تىكىلگەن رەخت.
پوقاققا ياقا ياراشماس (ماقال).
ئاتىسى ئۆلگەننىڭ يەتتە يىل ياقىسى يىرتىق (ماقال).
ئىت ئېتەكتىن ئالار، خوتۇن ياقىدىن (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ئىجارە (يەر ئىجارىسى).