Uyghur主要词典
ياقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەرەپ، تامان:[مىسال:] ئۇياق-بۇياق. * شۇ ئاندا ئەل ئىچىدىن ۋاڭ-چۇڭ كۆتۈرۈلدى، ئالدى ياقتىن يەنە بىر تۈركۈم لەشكەر چىقىپ كەلدى. * تۇرسۇننىڭ كۆزلىرى داۋۇتنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، دەررۇ سالاملاشتى، كېيىن باشقا ياققا بۇرۇلدى.[يەشمىسى:] ② كۆرسىتىش ئالماشلىرى بىلەن كېلىپ ئادەملەرنى سىپايە ئاتاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] بۇ ياق ئالاقانات يەن چىڭ دېگەن بولىدۇ، دېدى ليۇ بېگىم.