Uyghur主要词典
ياپونىيە غەيرىي رەسمىي تارىخى
领域: دۇنيا تارىخىياپونىيە تارىخ كىتابى. راي سانيو تۈزگەن، 22 توم، بۇلاردا رېتى بويىچە ھېي جەمەتى، گېن جەمەتى، ھۇجۇ جەمەتى، كۇسۇننوكى جەمەتى، نىتتا جەمەتى، كېيىنكى ھۇجۇ جەمەتى، تاكېدا جەمەتى، ئوئېسۇگى جەمەتى، مورى جەمەتى، ئودا جەمەتى، تويوتومى جەمەتى، توكۇگاۋا جەمەتى، ئاخىرىدا توكۇگاۋا ئېمىتسۇ (0416 - 1651) بايان قىلىنغان. سىماچيەننىڭ ئۇسلۇبىنى تەقلىد قىلىپ، خەنزۇچە يازغان ھەمدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن. 200 نەچچە خىل كىتابتىن پايدىلانغان. ساپ بولمىغان جايلار بولسىمۇ، راۋان يېزىلغانلىقتىن، 1836 - 1837 - يىللىرى (تېمپونىڭ 7، 8 - يىللىرى) ئەتراپىدا نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان ناھايىتى كەڭ تارقالغان. جۇڭگودىمۇ كۆپ خىل نۇسخىسى بار.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。