Uyghur主要词典
ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ رادىئو ئاپپاراتى
رادىئو- تېلېۋىزىيە
KHN ياپونىيە رادىئو جەمئىيىتى دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچە قىسقارتىلمىسى. ئۇ ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئاپپاراتى بولۇپ،1925 - يىلى توكيو رادىئو ئىستانسىسى مەركەز قىلىنىپ، ئوساكا، ناگويا رادىئو ئىستانسىلىرى بىرلىشىپ قۇرۇلغان.1936 - يىل6 - ئاينىڭ1 - كۈنى «ياپونىيە رادىئو ئىستانسىسى» دېگەن نام بىلەن چەتكە ئاڭلىتىش بېرىشكە باشلىغان،20 نەچچە خىل تىلدا كۈنىگە جەمئىي37 سائەت ئاڭلىتىش بېرىدۇ.1953 - يىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇلغان، بىر قانالدا ئۇنىۋېرسال پروگرامما، يەنە بىر قانالدا تەلىم - تەربىيە پروگراممىسى كۆرسىتىلگەن.
KHN نىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تارقىتىدىغان6000 ئىستانسىسى، رادىئو پروگراممىسى تارقىتىدىغان800 گە يېقىن ئىستانسىسى بار. باش ئورگىنى توكيودا بولۇپ، قارىمىقىدا ئىگىلىك باشقۇرۇش كومىتېتى، رادىئو باش ئىدارىسى، خەۋەر قىلىش ئىدارىسى، چۈشەندۈرۈش كومىتېتى، پروگرامما ئىشلەش تېخنىكىسى ئىدارىسى، باش تېخنىكا بۆلۈمى، خەلقئارا خەۋەرلەر ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار بار. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئىككى چەت ئەل باش ئىدارىسى، بېيجىڭ، باڭكوك، نيۇيورك، لوندون، موسكۋا قاتارلىق20 نەچچە شەھەردە تارماق ئىدارىسى بار. ياپونىيىدىكى100 گە يېقىن رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىچىدە پەقەت KHN لا ئېلان پروگراممىسى بەرمەيدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。