Uyghur主要词典
ياندۇرماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېگەن - ئىچكەن نەرسىلەرنى قايتۇرۋەتمەك.
ئۇ تۈنۈگۈن خېلى ئىچكەن ئوخشايدۇ، كۆتۈرەلمەي قەي قىلۋەتتى. سەن قۇسقان قۇسۇقنى ئىتمۇ يېمەيدۇ. ياسىن شۇ ئارىدا يېگەن - ئىچكەننىڭ ھەممىسىنى ياندۈرۋەتتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوت ئالدۇرماق.
ئۆچۈرمەك
كۆيۈشتىن توختاتماق.
كۈن كۆرمىگەن كۈن كۆرسە، كۈندۈزى چىراغ ياقار. كېتىمەن دەپ ئوتۇڭنى ئۆچۈرمە. يېقىشنى بىلسەڭ قارمۇ يانىدۇ، يېقىشنى بىلمىسەڭ مايمۇ يانمايدۇ. ئوتنى ئۆچۈرۈپ، چوغىنى قويماق ئاقىلنىڭ ئىشى ئەمەس. ئوت ئۆچۈرۈشكە ئوتۇن ئاپىرىپتۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<يانتۇرماق> قا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<يانماق Ⅰ> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
رايىنى ياندۇرماق. نىيىتىدىن ياندۇرماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<يانماق Ⅱ> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئوت ياندۇرماق. سەرەڭگە ياندۇرماق.