يانداقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلار نېمە ئىشقا بۇيرۇسا شۇنى قىلىدىغان كىشى؛ يالاقچى، غالچا:[مىسال:] ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز بولۇۋاتقانلىقىنى سەزگەن بايۋەچچە «قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرۈر» دېگەندەك جامائەتكە ھۆركىرىگەندىن كېيىن، يانداقچىلىرىغا «تەييار بولۇش» دېگەن مەنىدە قاراپ قويدى.