Uyghur主要词典
يالقۇنلۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
يالقۇنلانغان، يالقۇنلىنىپ كۆيۈۋاتقان، يالقۇنلىغان، ئوتلۇق.
ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، يولۇچىلار ياققان گۈلخاننىڭ يالقۇنلۇق تەپتى خۇددى يېڭى چىققان قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىدەك، يايلاققا ھارارەت بېغىشلايتتى.
كۆچمە. قىزغىن، جۇشقۇن.
يالقۇنلۇق سۆز. يالقۇنلۇق كۈي.
مەن ئەمدى يىگىرمە بەش ياشتىمەن، ھاياتىمنىڭ مۇشۇنداق يالقۇنلۇق چېغىدا ناكار بولۇپ قالسام مەن ئۈچۈن ئاسانمۇ؟