Uyghur主要词典
يالقۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوتنىڭ كۆيگەن ھالىتى: ئۇچقۇن كۆيۈپ چاچرىغان، يالقۇن لاۋۇلداپ يانغان، يانغىن كۆيۈپ ئۆرلىگەن ھالەت.
كىچىككىنە ئۇچقۇن پۈتۈن كوچىنى ۋەيران قىلار. كۈلدىن يالقۇن چىقىدۇ. ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۆيۈۋاتقان نەرسىدىن كۆتۈرۈلگەن ئوت؛ يورۇقلۇق.
تۈتۈنى كۆپ، يالقۇنى ئاز (ماقال).
بىر چاغدىن كېيىن ئۆگزىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرى چىقىشقا باشلاپتۇ ۋە بىردەمدىلا دەھشەتلىك يالقۇنغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ئوت يالقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ