Uyghur主要词典
يالغانچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سەمىمىي - راستچىل ئەمەس شەخس.
<قاپىلاڭ> ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
يالغانچى يالجىماس، ئوغرى بېيىماس. يالغانچى ئادەم ئەمەس. ساختىپەز ناداننى تاپىدۇ، دانادىن قاچىدۇ. رىياگەر باشقىلارنى رىيا بىلەن ئالدايدۇ، كېيىن رىيا بىلەن ئالدىنىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يالغان سۆزلەيدىغان، ساختا ئىش قىلىدىغان.
راستچىل، راستگۇي
راست سۆزلەيدىغان، راست ئىش قىلىدىغان.
تەقدىر راستچىل ئادەمنى ھاقارەتكە قويماس. يالغانچى يالجىماس، ئوغرى بېيىماس. يالغانچىنى سۆزىدىن بىل، بىلەلمىسەڭ كۆزىدىن بىل. ساختىپەزنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يالغان گەپ قىلىدىغان، يالغان ئىش - ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم، ئالدامچى.
يالغانچىنىڭ راست سۆزىمۇ يالغان (ماقال).