Uyghur主要词典
يالغان بال قارىغىيى
بىئولوگىيە
قارىغاي ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، دەرەخ تاجى كەڭ مۇنار شەكىللىك، غولى تۈز، قوۋزىقى يىرىك، كۆكۈچ قوڭۇر رەڭلىك بولۇپ، رەتسىز تەڭگىچىسمان پارچىلارغا يېرىلىدۇ؛ ئۇزۇن ۋە قىسقا شاخقا ئايرىلىدۇ؛ بىر يىللىق ئۇزۇن شېخى ئاچ قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ ياكى ئاچ قىزغۇچ سېرىق، تۈكسىز، پارقىراق بولۇپ، تۈۋىدە بىخ تەڭگىچىسى بولىدۇ؛ قېرى شېخى بىلەن قىسقا شېخى كۈل رەڭ ياكى ئاچ قىزغۇچ كۈل رەڭ بولىدۇ؛ قىسقا شېخى ئىلمەكسىمان بولۇپ، ئىنتايى ئاستا ئۆسىدۇ، ھالقىسمان زىچ جايلاشقان يوپۇرماق ياستۇقى بولىدۇ. يوپۇرمىقى يىپسىمان، يۇمشاق، ئورغاقسىمان ياكى تۈز بولۇپ، ئۈستى قىسمى سەل كەڭ، ئۇچى ئۇچلۇق، ئۈستۈنكى يۈزى يېشىل، ئاستىنقى يۈزى كۆكۈچ يېشىل بولۇپ، ھاۋا تۆشۈكچە سىزىقى بولىدۇ؛ ئۇزۇن شېخىدا بۇرمىسىمان تارقىلىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق تەگلىكىنىڭ ئاستى ئازراق كۆتۈرۈلىدۇ؛ قىسقا شېخىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، دۈگىلەك تەخسىدەك نۇرسىمان يېيىلىدۇ، كۈزدە سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئاتىلىق شارچە گۈلى سېرىق، يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان بولۇپ، تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ ئانىلىق شارچە گۈلى بىنەپشە قىزىل بولۇپ، تىك ئۆسىدۇ، ئېللىپسسىمان بولىدۇ. شارچە مېۋىسى تۇخۇمسىمان بولۇپ، پىشقاندا ئاچ قىزغۇچ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئۇرۇقى تۇخۇم شەكىللىك يۇمىلاق، ئاق رەڭلىك، ئۇرۇق قانىتى ئاچ سېرىق بولىدۇ. بۇ جۇڭگودا ئالاھىدە بولىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك قىلىپ بېكىتىلدى. يالغان بال قارىغىيى جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، جياڭشى، خۇنەن، خۇبېي، سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ. ئۆسۈشى تېز بولۇپ، نەم، كىسلاتالىق، يامغۇر كۆپ ياغىدىغان، تۇپراق قەۋىتى قېلىن ۋە مۇنبەت، سۇ چىقىرىشى ياخشى بولغان كىسلاتالىق تۇپراقتا ئۆسىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالى تۈز، قاتتىقلىقى مۇۋاپىق. قۇرۇلۇش، تاختاي، ئۆز جاھازلىرى، ئەسۋاب ۋە ياغاچ تالا سانائىتىگە ئىشلىتىلىدۇ؛ قوۋزىقىدىن كاشتان يېلىمى ئاجرىتىۋېلىنىدۇ، دورىغا قوشۇپ جاھىل تەمرەتكە ۋە ھەزىم قىلالماسلىق كېسىلى داۋالىنىدۇ؛ يىلتىز قوۋزىقىنى دورىغا قوشۇشقىمۇ، قەغەزنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ؛ ئۇرۇقىدىن ماي تارتىلىدۇ. دەرەخ قىياپىتى كۆركەم بولۇپ، كۈزدە يوپۇرمىقى ساپسېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئۇ كۆرۈنۈشىنىڭ كۆركەملىكى بىلەن داڭلىق باغچا دەرىخى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.