Uyghur主要词典
يايماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يايماق، چاچماق؛ ئاشكارا قىلماق، مەلۇم قىلماق؛ يەشمەك، چۇۋۇماق. چاچ ئۆرۈملىرىنى:
سەنبىر ھۇمايى مەن بىر گەدايىڭ،
يايغىل باشىمغە چەترى سەئادەت.
موللا بىلال.
يايىپ بەرگىنى چۇن زۇلفى ئەرۇسان،
چىقىپتۇر ئاتەشىن تاجۇ خۇرۇسان.
زەلىلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئوراقلىق، قاتلاقلىق، يۆگەكلىك، پۈكلىك نەرسىلەرنى ئاچماق، ئېچىپ قويماق؛ سالماق.
داستخان يايماق. قۇچاق يايماق. ئېتەك يايماق.
خېمىرنى بېسىپ، نېپىزلىتىپ كېڭەيتمەك.
دالاندىكى يوغان پالاس ئۈستىدە بىر نەچچە ئاياللار سۇپرىلىرىنى ئېچىپ چۆپ يايماقتا.
ئېچىپ، يېيىپ ئاسماق، ئاپتاپقا سالماق.
كىيىم يايماق. كىر يايماق.
كۆچمە. تارقاتماق، كېڭەيتمەك، ئاشكارىلىماق.
چەكمە يۈرەك تارىمنى، ئەلگە يايما زارىمنى، چۈشۈمدە كۆرەر بولسام، يىراقتىكى يارىمنى.