Uyghur主要词典
يايىلدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىرغاڭلىدى ~ ئېغاڭلىدى؛ يېيىلدى، تارقالدى.
يىغاچ يايىلدى _ دەرەخ ئېغاڭلىدى، يەنى دەرەخ شامال چىققانلىقتىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەردىن ئېغاڭلىدى. ھەرقانداق نەرسە ئېغاڭلىسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. يايىلدى سۈ _ قوشۇن يېيىلدى، يەنى تارقالدى، باشقىلاردىمۇ شۇنداق. « _ » بىلەن « يازىلدى» دەپمۇ ئېيتىلىدۇ ( يايىلۇر _ يايىلماق).
3 - 265