Uyghur主要词典
يادىتاش
شىۋىلەر
سېھىرىگەرلىك، ئەپسۇن ئوقۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تاش. مەسىلەن: ئىچىدە يادىتىشى بار بالا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يادا + تاش
ئىسىم
تېبابەت
كېسەل ئات، كالىلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىدىن چىقىدىغان بىرخىل تاش. كۆپىنچە يۇمىلاق ياكى يالپاقراق يۇمىلاق بولىدۇ. چوڭلۇقى بىرخىل بولمايدۇ، كىچىكلىرى پۇرچاقتەك، چوڭلىرى مۇشتتەك، بەلكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولىدۇ. سىرتى سۇس ھاۋا رەڭ، كۈل رەڭ ۋە قارا بولىدۇ، سىلىق ھەم پارقىراپ تۇرىدۇ ياكى چاينالغان ئوتنىڭ ئىزى بولىدۇ. تاشتەك قاتتىق كېلىدۇ، كېسىلگەن يۈزىنىڭ رەڭگى بوز رەڭ بولۇپ، قات - قات سىزىقلىرى بولىدۇ، ئەينەككە ئوخشاش پارقىرايدۇ. ئادەتتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ زەھەرنى تارقىتىدۇ، چكچۈشنى باسىدۇ، بەلغەمنى يۇمشىتىدۇ.
كۆچمە. ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئادەمنى جىم تۇرغۇزمايدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان نەرسە.
— بالام، شەۋكەت، ئىچىڭدە يادىتېشىڭ بارمىكىن، تاڭ؟ بىردەم ماڭساڭ نېمە بولۇپ كېتەرسەن! خەپ، ئۆيگىمۇ بارارسەن…— دەيتتى ئايال پوپوزا قىلىپ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
سېھىرگەرلىك، ئەپسۇن ئوقۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تاش.