Uyghur主要词典
يادرو مېغىزىنى تۈزگۈچى مەركەز
بىئولوگىيە
ياكى <يادرو مېغىزى (يادروچاق) نى تەشكىل قىلغۇچى> دەپ ئاتىلىدۇ. ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشى جەريانىدا يادرو مېغىزى (يادروچاق) دا بىر قاتار دەۋرلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىدۇ. يىپلىق بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنقى دەۋرىدە يادرو مېغىزى (يادروچاق) نىڭ شەكلى ئۆزگىرىدۇ، بۆلۈنۈشنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدە يادرو مېغىزى (يادروچاق) يوقىلىدۇ، بۆلۈنۈپ ئاخىرقى دەۋرىگە كەلگەندە، بالا يادرو شەكىللىنىشىگە باشلىغان ۋاقىتتا مۇئەييەن خروموسومىدا نازۇك تەنچە پەيدا بولىدۇ، كېيىن نازۇك تەنچە يادرو مېغىزى (يادروچاق) غا ئايلىنىدۇ. يادرو مېغىزى (يادروچاق) نىڭ پەيدا بولۇشى مۇئەييەن خروموسومىنىڭ بەلگىلىك رايونى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، بۇ رايون يادرو مېغىزى (يادروچاق) نى تۈزگۈچى مەركەزدە رىبوزوما گېنى بولۇپ، كۆچۈرۈلۈپ رىبوزمال RNA (rRNA) غا ئايلىنىدۇ.