Uyghur主要词典
ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1740) تۇنىس ھۈسەيىن خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئىلگىرى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەمەلدارى بولغان. 1705 - يىلى يەرلىك فېئوداللارنىڭ قوللىشى ئاستىدا تۈركىيە گۋاردىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھۈسەيىن خاندانلىقىنى قۇرغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش شەرتى ئاستىدا مۇستەقىل ئىچكى - تاشقى سىياسەتنى يولغا قويغان. 1740 - يىلى جيەنى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.