Uyghur主要词典
ھۈمەينى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىراندىكى شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي داھىيىسى. ئىسفاھاننىڭ يېنىدىكى ھۈمەين بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن. ھۈمەينى ياش چاغلىرىدا ئىسفاھان، ئالاك ۋە قۇمدا بىلىم تەھسىل قىلدى. 1927 - يىلى قۇمدا مۇددەرىسلىك قىلدى. 1941 - يىلى <مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى> نى ئېلان قىلىپ، پادىشاھنىڭ دىنغا قارشى سىياسىتىگە رەددىيە بەردى. 1961 - يىلى بۇرۇجىرد ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھۈمەينى ئۇنىڭ ئورنىغا سايلىنىپ، ئىراندىكى ئالتە چوڭ ئايەتۇللاھنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 1963 - يىلى پادىشاھنىڭ <ئاق ئىنقىلابى> غا قارشى تۇرغانلىقتىن قولغا ئېلىندى. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئاشۇرا كۈنى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا ھۇجۇم قىلغانلىقتىن تۈرمىگە سېلىندى. ئىككىنچى يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە قارشى تۇرغانلىقتىن يەنە تۈرمىگە سېلىندى. كېيىن تۈركىيىگە سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۇ يەردىن ئىراقتىكى نەجەفكە يۆتكەلدى. 1978 - يىلى فرانسىيىگە كۆچۈپ كەتتى. ھۈمەينى مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا ئىراندىكى خەلقنىڭ پادىشاھقا قارشى كۈرىشىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، فەقىھلەر ھامىلىقىدىكى ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1979 - يىلى پادىشاھ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، ھۈمەينى تېھرانغا قايتىپ كېلىپ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ ئالىي داھىيىسى بولدى. كېيىن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئېلان قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە <ئۈزۈل - كېسىل ئىسلاملاشتۇرۇش>، سىرتقا قارىتا <شەرقنىڭ كېرىكى يوق، غەربنىڭمۇ كېرىكى يوق. ئىسلامىيەت بولسىلا بولدى> ۋە <ئىسلام ئىنقىلابىنى چەت ئەللەرگە چىقىرىش> سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى قوللىدى. ھۇمەينى <ئىسلام ھۆكۈمىتى>، <ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ داستانى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.