Uyghur主要词典
ھېتىرىيە
دۇنيا تارىخى
گرېكچە Hetairia نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، دوستلۇق جەمئىيىتى دېگەن مەنىدە. يېقىنقى زامان گرېتسىيە مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گرېتسىيىنىڭ تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئازادلىق كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئىچىدە چەت ئەللەردە ئولتۇراقلاشقان مۆتىدىل سودا بۇرژۇئازلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. 1795 - يىلى رىگاس قۇرغان. مەقسەت گرېتسىيىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ھەمدە قوزغىلاڭچىلارنى قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. 1814 - يىلى 9 - ئايدا گرېتسىيە مۇھاجىرلىرى ئودېسسادا يېڭى ھېتىرىيە يەنى فىلىكې - ھېتېرىيەنى قۇرغان. ئۇنىڭ تەسىرى تۈركىيە ئىمپېرىيىسى دائىرىسىدىكى ياۋروپا رايونىغا يەتكەن. كاربونارلار پارتىيىسى ۋە ئاممىۋى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ مەخپىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش شەكلىنى قوللانغان. 1820 - يىلدىن كېيىن مەملىكەت ئىچىدە تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەش بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئەزالىرى مۇرەككەپ بولۇپ، سەككىز دەرىجىگە ئايرىلغان. تەشكىلىي ئورگانلار يۇقىرى قاتلام تەبىقىدىكى ئىنتايىن ئاز سانلىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تىزگىنلەنگەن. 1821 - يىلى 3 - ئايدا رەھبىرىي روسىيە گېنېرالى ئالېكساندر ئىپۇسلانتى قوراللىق قىسىمنى باشلاپ، ياسسىي ۋە بۇخارېستقا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. 6 - ئايدا تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. لېكىن بۇ پېلوپوننېس قوزغىلىڭىنىڭ سىگنالى بولۇپ قالغان. گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن فېلىكې - ھېتىرىيە ئۆز ھەرىكىتىنى توختاتقان.