Uyghur主要词典
ھېبېرتچىلار
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي مەزگىلىدە، شەھەردىكى پۇقرالار قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان سىياسىي گۇرۇھ. ئۇنىڭ ئاساسىي رەھبىرى ھېبېرت بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ تولىسى كوردېليې كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى. ھېبېرت <دۇشې خوجام گېزىتى> نى تەسىس قىلىپ، بۇ گۇرۇھنىڭ ئىنقىلابىي تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلغان، تىزلاپچىسىزلار ھەرىكىتىنى قوللىغان. بۇ گۇرۇھ پارىژ كوممۇنىسى ۋە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىدە غايەت زور تەسىرىگە ئىگە بولغان ھەمدە 1792 - يىلدىكى 10 - ئاۋغۇست قوزغىلىڭى ۋە 1793 - يىلدىكى 31 - ماي ۋە 2 - ئىيۇن قوزغىلاڭلىرىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان. ياكۇبىن دىكتاتۇرىسى دەۋرىدە، ئەكسىلئىنقىلابنى قەتئىي باستۇرۇشنى، باھانى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش قانۇنى ۋەگۇمانلىق جىنايەتچىلەر قانۇنىنى ئۈزۈل - كېسىل يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ئەقىلىيالىققا چوقۇنۇشنى تەشەببۇس قىلغان، خرىستىئانسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى تەرغىپ قىلغان. 1794 - يىلى 3 - ئايدا، روبېسپىيېر يۈرگۈزگەن سىياسەتكە قارشى تۇرۇپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن باستۇرۇلغان. <ھېبېرت> قا قاراڭ.