Uyghur主要词典
ھېسابلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېساب دەپ بىلمەك.
ئوغرى ئوغرىلىغان مېلىنى بەخت سانايدۇ. قاغا بالىسىنى ھەممىدىن چىرايلىق ھېسابلايدۇ. بىر قارلىغاچ كەلگەنگە باھار سانالماس، يالغۇز مەيدانغا چۈشكەن باتۇر ھېسابلانماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان - سانىقىنى ئېنىقلىماق.
قانچە سانىساڭمۇ يۈزنىڭ يېرىمى ئەللىك. سانىماي «سەككىز» دېمە. ئىشنى ئېدىتلاپ قىل. باشاق ھېسابلىماي، چاناق ھېسابلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنىڭ مىقدارىنى ئېنىقلىماي ، ئېدىتىنى ئالماق، سانىماق .
پۇلنى ھېسابلىماق، قول بىلەن ھېسابلىماق. ۋاقىتنى ھېسابلىماق .
<مات> نامەلۇم بىر مىقدارنى ھېسابلاش يولى بىلەن ئېنىقلىماق، ھېسابلاپ تاپماق .
كۆچمە. باھالىماق، پەرەز قىلماق، مۆلچەرلىمەك، ئويلىماق ، . . . . دەپ قارىماق .
مەن ئۇنى سىلەر دېگەندەك ئەخمەق ئادەم ئەمەس، دەپ ھېسابلايمەن .