Uyghur主要词典
ھېسابلاش چوكىسى ۋە ھېسابلاش چوكىسى بىلەن ھېسابلاش
领域: ماتېماتىكا بىلىملىرىھېسابلاش چوكىسى جۇڭگودا بۇرۇن كەڭ قوللىنىلغان بىر خىل ھېسابلاش قورالى. «چوكا» ئۇششاق بامبۇك تاياقچىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ چاغلاردا قەغەز بولمىغاچقا، قەدىمكى ماتېماتىكلار مۇشۇ چوكىلارنى بويىغا، توغرىسىغا تىزىپ ھېسابلىغان. ھېسابلاش چوكىسى بىلەن ھېسابلاش مۇشۇ بامبۇك تاياقچىلار بىلەن ھېسابلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى تىزىشنىڭ بويىغا ۋە توغرىسىغا تىزىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلى بار:
قەدىمكىلەر: »ھېسابلاش ئۈچۈن ئاۋۋال خانىلارنى بىلىش كېرەك، بىرلەر خانىسى تىك شەكىلدە، ئونلار خانىسى كۈندىلەڭ شەكىلدە، يۈزلەر خانىسى تىك شەكىلدە، مىڭلار خانىسى كۈندىلەڭ شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ، مۇشۇنداق تىك ۋە كۈندىلەڭ شەكىلدە ئارىلاش تىزىپ خانىلار كۆرسىتىلىدۇ« دېگەن. مەسىلەن، تۆت خانىلىق سان6614 ھېسابلاش چوكىسىدا قىلىپ ئىپادىلىنىدۇ،235 بولسا قىلىپ ئىپادىلىنىدۇ. مەلۇم خانا نۆل بولسا، ئورنى بوش قويۇلىدۇ.
ھېسابلىغاندا، چوكىلارنىڭ ئورنىنى يۆتكەپ نەتىجىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. مەسىلەن،4 ×235 نى ھېسابلاشتا، چوكىلارنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ، نى نىڭ باش خانىسىغا كۆپەيتىپ، «تۆت يەردە ئىككى سەككىز» دەپ ئوقۇپ، ئىككى ساننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوش قۇرغا نى قويۇش؛ ئاندىن «تۆت يەردە ئۈچ ئون ئىككى» دەپ ئوقۇپ، بوش قۇرغا نى قويۇش (بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدىدا قويۇلغان گە قوشۇلۇپ قىلىنىدۇ)؛ ئاخىرىدا «تۆت يەردە بەش يىگىرمە» دەپ ئوقۇپ، بوش قۇرغا نى قويۇش (بۇ باشتا قويۇلغان گە قوشۇلۇپ قىلىپ يېزىلىدۇ) كېرەك، شۇنىڭ بىلەن كۆپەيتمە (940) چىقىدۇ.
ھېسابلاش چوكىسى بىلەن قوشۇش، ئېلىش بەك ئاسان، چوكىلارنى ئىككى قۇر قىلىپ تىزىپ، قوشۇش ياكى ئېلىشقا ئاساسەن بىر قۇرغا ئايلاندۇرسىلا نەتىجىسى چىقىدۇ. مەسىلەن، تۆۋەندىكى شەكىلدە ئىپادىلەنگىنى 46848=3056+43792.
ھېسابلاش چوكىسى بىلەن بۆلۈش، كۋادراتقا كۆتۈرۈش ئەمەللىرىنىمۇ بېجىرگىلى بولىدۇ. بىراق، باسقۇچلىرى مۇرەككەپ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。