Uyghur主要词典
ھۆل ئىسسىق ئارقىلىق ستېرىلىزاتسىيىلەش
领域: بىئولوگىيەسۇنى قىزىتىپ پارغا ئايلاندۇرۇپ، سۇ پارىدىكى ئىسسىقلىق ئارقىلىق مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆلتۈرىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. بۇ خىل ئۇسۇل سۇ بار شارائىتتا تاماملىنىدۇ. سۇنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى چوڭ، مولېكۇلىلىرىنىڭ ھەرىكىتى تېز، چوڭ مولېكۇلىلىق ماددىلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى تېزلىتىش ئالاھىدىلىكى بولغانلىقى، شۇنىڭدەك سۇنىڭ سېلىشتۇرما ئىسسىقلىقى چوڭ، پارنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر گرادۇس تۆۋەنلىتىلگەندە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئىسسىقلىقى ھاۋانىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر گرادۇس تۆۋەنلىتىلگەندە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئىسسىقلىقىدىن كۆپ بولغاچقا، نىسبەتەن تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ستېرىلىزاتسىيىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ھۆل ئىسسىق ئارقىلىق ستېرىلىزاتسىيىلەش كونكرېت ئۇسۇلىغا ئاساسەن قاينىتىپ دېزىنفېكسىيىلەش، ئاقما سۇ پارى ئارقىلىق ستېرىلىزاتسىيىلەش، يۇقىرى بېسىملىق سۇ پارى ئارقىلىق ستېرىلىزاتسىيىلەش ۋە پاستېرىزاتسىيىلەش قاتارلىق ئۇسۇللارغا بۆلۈنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。