Uyghur主要词典
ھۆل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ سىڭگەن، سۇلۇق.
ئۇيقۇ غەمدىن قاچار، بۈرگە نەمدىن. ئېغىزنى نەم قىلماي سۇ ئىچكىلى بولماس. زەي دېسەڭ، زەيكەش چاپ. خوتۇننى زېرىكتۈرەي دېسەڭ، ھۆل ئوتۇن ئېلىپ بەر. ئادەم دېگەن ھۆل نېمە. چى يەر - نەم يەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەركىبىدە سۇيۇقلۇق كۆپ. ھۆل ئوتۇن، زەي ئۆي
قۇرۇق ، قۇرغاق، قاقشال
تەركىبىدە سۇيۇقلۇق يوق ياكى تۈگەپ كەتكەن. قۇرۇق ئوتۇن، قۇرۇق ئۆي
قۇرۇق ياغاچ ئېگىلمەس. قۇرغاق شاختا مېۋە يوق، قۇرۇق سۆزدە مەنە (يوق). قاقشال دەرەختە مېۋە بولماس، قۇرۇق گەپتە مەنە (بولماس). ئىشتىنىڭنى ھۆل قىلماي بېلىق تۇتىمەن دېمە. ئۇيقۇ غەمدىن قاچىدۇ، بۈرگە نەمدىن. تام زەيدىن ئۆرۈلەر، ئەر غەمدىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
سۇ يۇققان ، سۇ ئىچىۋالغان، نەم .
ھۆل كىيىم، ھۆل بولماق .
يېڭى ئۈزۈلگەن ياكى يېڭى ئورۇلغان ، سۈيى ياكى شىرىسى قاچمىغان ، قۇرۇمىغان ھۆل مېۋە، ھۆل نوتا، ھۆل ياغاچ ، ھۆل بېدە .