Uyghur主要词典
ھىندۇنېزىيە مىللىي قوزغىلىڭى
领域: دۇنيا تارىخىھىندۇنېزىيە خەلقىنىڭ ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 1926 - 1927 - يىللىرى گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق قوزغىلىڭى. ھىندۇنېزىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 1925 - يىلى پرامباناندا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، گوللاندىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان. 1926 - يىل 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جاكارتا ۋە غەربىي ياۋادىكى بانتامدا بىرلا ۋاقىتتا دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەن. جاكارتا ئەتراپ رايون قوزغىلاڭچىلار ئاممىسى بىر مەھەل شەھەر رايونىغا باستۇرۇپ كىرىپ، تېلېفون ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنى ئىگىلىگەن. باتام قوزغىلاڭچى ئارمىيىسى ۋوگزالنى تارتىۋېلىپ، ئەكسىيەتچى ئەمەلدارلارنى باستۇرغان. ياۋا رايونىدىكى قوزغىلاڭ باندۇڭ، پرېئانگان قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن. 1927 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، سۇماترا خەلقى ساۋالۇنتو، شىرونگان قاتارلىق جايلاردا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. گوللاندىيە دائىرىلىرى ھەرقايسى يەرلەردە تارقاق قوزغىلاڭلارنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان. 13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئېلىپ، ئۇلاردىن 4500 كىشىگە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。