Uyghur主要词典
ھىندسىتاندىكى مەھدى ھەرىكتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندىستاندا ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى ھىندىستاندىكى ئىسلام ئۆلىماسى جامپۇلى قوزغىدى. 12 - ئەسىردىن كېيىن، ھىندى دىنىدىكى ئىخلاسمەنلەر ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، ئىسلام دىنى ھىندى دىنىغا سىڭىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. ھىندى دىنىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساپلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جامپۇلى 1493 - يىلى مەككىگە ھەج قىلىپ بارغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى ئىمام مەھدى دەپ ئاتاپ، ئاللانىڭ ئەمرىگە ئاساسەن مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىككىنچى يىلى گۈجەرەتكە يېنىپ كېلىپ، ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلدى، ئادىمى نەچچە مىڭغا يەتتى. <بىدئەت> دەپ يەكلەنگەنلىكتىن، قېچىپ يۈرۈپ، ياقا يۇرتتا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ شاگىرتى شەيخ ئالاي كىشىلەرگە باشچىلىق قىلىپ گۈجەرەتتە پائالىيەت مەركىزى قۇردى. بۇ دۇنيانىڭ كوللېكتىپ تۇرمۇشىدىن يىراق بولدى، تەسىرى كۈنسايىن ئېشىپ، ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن يوشۇرۇن خەۋپ دەپ قارالدى. كېيىن تۈرمىگە سېلىنىپ، 1512 - يىلى ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. تاتتا (ھازىر پاكىستاننىڭ سىند ئۆلكىسىدە) لىق يەنە بىر شاگىرتى ئادەمشاھ كالھۇرا ئۇستازىنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ، مال - مۈلۈككە جامائەت ئىگىدارچىلىق قىلىپ، ئۇنى كوللېكتىپ تۇرمۇشنىڭ مەنبەسى ۋە سىياسىي ھوقۇققا ئىگە بولۇشنىڭ دەسمايىسى قىلىشتا چىڭ تۇردى. پومېشچىكلار سىنىپى ئۇنىڭغا قارشى تۇردى، كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. 1524 - يىلى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئادەملىرى بىلەن گۇجەرەتتىكى ئەسكەرلەر ساداساندا قاتتىق جەڭ قىلىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. ۋە يارىدار قىلىندى. بۇ ھەرىكەت كۆپ قېتىم باستۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەشكىلىي بۈگۈنكى ھىندىستاننىڭ ھەيدەرئاباد، مەنسۇر، زەبۇر، گۇجەرەت قاتارلىق جايلىرىدا يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ھىندىستاندا ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.