Uyghur主要词典
ھېللېسپون
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى گرېكلارنىڭ مەرمەر دېڭىزى بىلەن ئېگېي دېڭىزى (بۈگۈنكى داردانىل بوغۇزى) نى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز بوغۇزىنى ئاتىشى. مەنىسى <ھېللې دېڭىزى> دېگەنلىك بولۇپ، يۇنان ئەپسانىلىرىگە ئاساسلانغاندا، مەبۇدە ھېللې مۇشۇ يەردە دېڭىزغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان. شۇڭا ھېللې دېڭىزى دەپ ئاتالغان. قارا دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغا ئۆتۈشتىكى بىردىنبىر يول ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 61 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ يېرى 6.4 كىلومېتىر، ئەڭ تار يېرى 1.3 كىلومېتىر بولۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ چېگرىسىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي قىرغىقى (ياۋروپاغا قارايدۇ) قەدىمكى زاماندا فراكىيە دەپ ئاتالغان. كېسون (بۈگۈنكى كالىپورى يېرىم ئارىلى)، شەرقىي قىرغىقى (ئاسىياغا قارايدۇ) تروئاد بولۇپ، مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پېرسىيە پادىشاھى شېرشېس Ⅰ گرېتسىيگە تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرى (مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى) غەربىي تەرەپتىكى سىست بىلەن شەرقىي تەرەپتىكى ئابىدۇ ئوتتۇرىسىدا ئاسما كۆۋرۈك سېلىنغانىكەن.