Uyghur主要词典
ھېكۇلانو
دۇنيا تارىخى
(1810 - 1877) پورتۇگالىيىلىك يازغۇچى، شائىر، تارىخشۇناس. سىياسىي جەھەتتە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ھىمايە قىلغان، مىگۇئېل ئۆكتىچىلىرى تەرەپتە تۇرۇپ، <مىگۇئېل ئۇرۇشى> غا قاتناشقان، كېيىن ژۇرنال مۇھەررىرى ۋە خانلىق كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن 1832 - 1834 - يىللاردىكى ئىچكى ئۇرۇش تېما قىلىنغان شېئىرلار توپلىمى <مۇرىتلار چىلتارى>، ئەرەبلەرنىڭ ئىبېرىيان يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرىشى ۋە پورتۇگالىيىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ مەنبەسى تەسۋىرلەنگەن تارىخىي رومان <پوپ ئانلىك> ۋە <دەلتە> قاتارلىقلار بار. ئۇ پورتۇگالىيە رومانچىلىقىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇنىڭ يەنە <پورتۇگالىيە تارىخى> (تۆت توم) ۋە <پورتۇگالىيە مەھكىمە شەرئىسىنىڭ مەنبەسى ۋە بەرپا قىلىنىشى> دېگەن ئەسىرى بار.