Uyghur主要词典
ھەرىكەت خاراكتېرلىك خىيالىي سەزگۈ
پسىخولوگىيە
ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى بىرەر ئورۇندا ھېچ قانداق ھەرىكەتلىنىش بولمىسىمۇ، ھەرىكەتلەنگەندەك تۇيۇلۇش ھەرىكەت خاراكتېرلىك خىيالىي سەزگۈ دېيىلىدۇ. خىيالىي سەزگۈ كۆپرەك ئېغىز ئەتراپىدا يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن، بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان كىشى بىر خىل بېسىم ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مۇنداق سەزگۈ بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىدىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بىر بىمار ئۆز قولىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ سىسترانى ئۇرماقچى بولغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئىش بولمىغان.