Uyghur主要词典
ھەرىكەت خاراكتېرلىك نۇتۇق مەركىزى
پسىخولوگىيە
بۇ بروكا رايونىدىن ئىبارەت. بروكا فرانسىيىلىك دوختۇر بولۇپ، بۇ رايوننى 1861 - يىلى تاپقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت خاراكتېرلىك نۇتۇق مەركىزى بولغان بۇ رايون بروكا رايونى دەپ ئاتالغان. بۇ رايون چوڭ مېڭە سول يېرىم شارىنىڭ ماڭلاي قىسمىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى پۈرمىنىڭ كەينى بۆلىكىگە (44 -، 45 - رايون)، ئېغىز، تىل قاتارلىق تەلەپپۇز بىلەن ئالاقىدار مۇسكۇل ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرلەشمە رايونىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئورۇن زەخىملەنسە، ئادەم نۇتۇق قابىلىيىتىنى يوقاتقان، «ھەرىكەت خاراكتېرلىك تىلدىن قېلىش كېسەللىكى» گە گىرىپتار بولغان بولىدۇ.