Uyghur主要词典
ھەرگىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەۋىش: پېئىلنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇنى كۈچەيتىدۇ.
ئۆز ئەسەرلىرىدە ياشىغان ئادەم ھەرگىز ئۆلمەيدۇ. ئالىيجاناب پىكىرگە ھەمراھ كىشى ھەرگىز يېتىم قالمايدۇ. نىجاسەتكە پاتقان ئەسلا تازا بولماس. گەر كاسىپ مۇساپىر بولسا يات يۇرتتا، قىيىنچىلىق دېگەننى بىلمەيدۇ ئەسلا. ئەتىرگۈلنىڭ نامىنى يۆتكىسىمۇ، خۇش پۇرىقى زادى كەتمەس. بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەم كىتاب ئوقۇمايدىكەن، باشقىلارنى پەقەت چۈشىنەلمەيدۇ. ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىشقا مۇتلەق يول يوق. ئوقۇماي، بىلمەي ياشىماق ھېچ ئەھمىيىتى يوق ياشاش. خەلققە پايدىلىق پىلاننى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك. يامانلىقنى ئىللا - بىللا بىلمەيمەن، يامانلىقنى ئىللا - بىللا قىلمايمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پەقەت، زادى، ئەسلا؛ قەتئىي.
ئۇ ئەمدى ئۆزىنى ھەرقانچە ئەيىبلىگەن بىلەنمۇ بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ھەرگىز ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
ھەرقانداق نېمە، ھەرقانداق نەرسە.
بولسا ھەر نېمە ئوخشايدۇ (ماقال).
بېشىمغا ھەرنېمە كەلسە چىدايمەن. ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەنمەن.