Uyghur主要词典
ھەرە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بوغۇن.
ھەسەل ھەرىسى. * ھەرە كۆنىكى، ھەرە ساندۇقى، ھەرە باقماق. * ھەرە چاقماق. * ھەرىنىڭ زەھىرىگە چىدىغان ھەسەل يەر (ماقال).
ھىممەت بىلەن شىر بېشىغا چىقار چۈمۈلە،
ھېكمەت بىلەن ھەسەل بېرەر تىرىشچان ھەرە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ياغاچچىلىق سايمىنى. ياغاچ - تۆمۈلەرنى كېسىدىغان چىشلىق ئەسۋاب.
پولات ھەرە. * قول ھەرىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاشارات، تۈرى كۆپ، توپلىشىپ ياشايدۇ، زەھەرلىك نەشترى بولىدۇ. بۇ يەردە ھەسەل ھەرىسى كۆزدە تۇتۇلىۋاتىدۇ.
<زۇلپۇڭ> تۇرپان شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
بىر تال گۈلدىن ھەرە شىرنە يىغار، يىلان زەھەر. ھەرە بول، ھەسەل بەر، لازىم بولسا، نەشتىرىڭنى سانجى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
ھاشاراتلارنىڭ بىر خىلى. تۈرلىرى كۆپ بولىدۇ. زەھەرلىك نەشتىرى بولۇپ، ئادەملەرنى چاقىدۇ. ئادەتتە توپلىشىپ ياشايدۇ.
ھەسەل ھەرىسى. قاپاق ھەرە. سېرىق ھەرە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياغاچ كېسىش ئۈچۈن پولاتتىن ياسالغان چىشلىق سايمان.
بېلىقنىڭ سىرت قانىتى.