Uyghur主要词典
ھەقىقىي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەمەلىي پاكىتقا ئۇيغۇن، يالغىنى يوق.
ئەخمەققە يالغانمۇ راست بولار. راست گەپكە جاۋاب يوق. راستنى قوللاش شەرەپ. چىن گەپ جاندىن ئۇلۇغ. «جىڭ ئالتۇن سىناق تېشىدىن قورقماس.» ھەق سۆز ئاچچىق بولار. ھەقنىڭ رىزقى ھەق. ھەق ئۆلۈم ئابروي. توغرا يۈز؛ توغرا سۆزلە؛ توغرا ئاڭلا؛ توغرا تۇر؛ توغرىنى دە؛ توغرىنى كۆر؛ تۈز كەس، توغرا ئېيت. تۈز دەرەخنىڭ پايدىسى تولا، تۈز ئادمنىڭ دوستى. ھەقىقىي سۆزگە قەسەم كەتمەيدۇ. ھەقىقىي بەخت قان - تەردىن كېلىدۇ. دوستۇڭغا دۇرۇس سۆزلە. جېنىڭنى ئېلىشقا قىلىچ تاڭلەنسىمۇ لىللا گەپ قىل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. راستتىنلا بار، ئەمەلىي مەۋجۇت بولغان؛ راست، چىن، توغرا.
ھەقىقىي ئەھۋال. ھەقىقىي ۋەقە. ھەقىقىي بەخت.
سۈپ. پاك، ساپ، سەمىمىي.
ھەقىقىي نىيەت. ھەقىقىي كۆڭۈل.
ھەقىقىي مۇھەببەت.
رەۋ. راست ھالدا، چىنلىق بىلەن.
ئەمگىكىگە قاراپ ھەق ئېلىش ھەقىقىي ئەمەلىيەشتى.