Uyghur主要词典
ھەقىقىي ئېمىتكۈچىلەر
بىئولوگىيە
<ئەسلىكلەر> (پلاتسېنتالىقلار placentalia) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر كەنجى سىنىپ. تۈرلىرى كۆپ، تارقىلىشى كەڭ بولۇپ، ھازىرقى ئېمىتكۈچىلەرنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىك تۈرى (95 پىرسەنت) مۇشۇنىڭغا كىرىدۇ. ھەقىقىي بالا ھەمراھى بار (سۈيدۈك پۈۋىكى ئارقىلىق ئانا تېنىنىڭ بالىياتقۇ دىۋارى بىلەن تۇتىشىدۇ)، تۆرەلمىنىڭ بالىياتقۇدا تۇرىدىغان ۋاقتى ئۇزۇنراق، تۇغۇلغان بالىسىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولۇپ، ئۆزى سۈت ئېمەلەيدۇ. كلوئاكاسى يوق. سۈت بېزى تولۇق يېتىلگەن، ئەمچەك توپچىسى بار. چوڭ مېڭە پوستلۇقى تەرەققىي قىلغان. ئىككى چوڭ مېڭە يېرىم شارى ئارىلىقىدا كاللوزا تەنچىسى ئارقىلىق تۇتاشقان. چىشى غەيرىي شەكىللىك، لېكىن چىش سانى ئازىيىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، كۈرەك چىشى بەشتىن ئاز. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدىغان ياخشى مېخانىزمغا ئىگە بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37 سىلتسىيە گرادۇس ئەتراپىدا مۇقىملاشقان. مۈرە بەلبېغى يالغۇز بىر تاغاق سۆڭىكىدىن تۈزۈلگەن. بۇ كەنجى سىنىپتىكى ھايۋانلاردا يۇقىرى دەرىجىلىك تۈزۈلۈش ۋە مۇكەممەل نېرۋا پائالىيىتى ھازىرلانغان بولغاچقا قۇرۇقلۇقتا ياشاپلا قالماستىن سۇدىمۇ ياشىيالايدىغان تۈرلىرى مەۋجۇت. مۇتلەق زور كۆپچىلىك ھازىرقى زامان ئېمىتكۈچى ھايۋانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرقى تۈرلىرى 17 ئەترەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 13 ئەترەتتىكىلەر مەملىكىتىمىزگىمۇ تارقالغان. ئاساسلىقلىرى ھاشاراتخورلار ئەترىتى، قولقاناتلىقلار ئەترىتى، غاجىلغۇچىلار ئەترىتى، گۆشخورلار ئەترىتى، كىتلار ئەترىتى، جۈپ تۇياقلىقلار ئەترىتى، تاق تۇياقلىقلار ئەترىتى ۋە پرىماتلار ئەترىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مەملىكىتىمىزدە ئۇنىڭ تەخمىنەن 300 تۈرى بار.