Uyghur主要词典
ھەجەرۇل ئەسۋەد
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«قارا تاش» مۇ دېيىلىدۇ. مەككىدىكى كەبىنىڭ شەرقىي جەنۇب تېمىغا قويۇلغان قىزغۇچ قوڭۇر چاسا تاش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ تاشنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر بولۇپ، يەر يۈزىدىن 1.5 ئېگىزگە قويۇلغان. يېرىقى بولغاچقا، 1844 - يىلى كۈمۈش چەمبەرگە ئېلىنغان. قەدىمكى ئەرەب رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن قالغان مۇقەددەس بۇيۇم ئىكەن. مۇشرىكلار ئۇنى «مۇقەددەس تاش» بىلىپ سۆيگەن. ئىسلام دىنى بۇ ئەنئەنىنى ساقلاپ قېلىپ، بۇ تاشنى مۇقەددەس بىلدى.