Uyghur主要词典
ھەج قىلىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بەش پەرزنىڭ بىرى. مەككىگە بېرىپ كەبىنى تاۋاپ قىلىش ھەج قىلىش دېيىلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلگەن: <... قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللا ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى...> (3 - سۈرىنىڭ 97 - ئايىتىدىن). شۇنىڭ بىلەن ھەج قىلىش ئىسلام دىنىدىكى پەرز بولدى. بەلگىلىمە بويىچە، تېنى ساغلام يول خىراجىتى تەييارلىغان، سەپەر قىلىش قۇلايلىق بولغانلىكى مۇسۇلمان ئۆمرىدە ئاز بولسا بىر قېتىم ھىجرىيە 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە جامائەت بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلىشى لازىم. بۇ رەسمىي ھەج دېيىلىدۇ. ھەج قىلىش مەۋسۈمىدىن باشقا، بىر يىلنىڭ ھەرقانداق ۋاقتىدا ھەج قىلىشقا بولىدۇ. بۇنداق ھەج ئۆمرى ھەج دېيىلىدۇ. ھەج قىلغانلار <ھاجى> دېيىلىدۇ. ئەگەر ئۆزى ھەج قىلىپ بارالمىسا، باشقا ئادەمنى ياللاپ ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ. ياللانغۇچى <نايىب ھاجى> دېيىلىدۇ. ھەج قىلىدىغانلار كېلىشتىن ئىلگىرى (ھىجرىيە 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە) بەيتۇللاغا يېپىلغان قارا كىمخاپ يوپۇق (كىسۋە) ئاق كىمخاپ يوپۇققا ئالماشتۇرۇلىدۇ. يېڭى يوپۇق مىسىردا تەييارلىنىپ، تۆگە كارۋىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھەج قىلىش ئاخىرلاشقاندا يېڭى يوپۇق ئالماشتۇرۇلىدۇ. ھەج قىلىشنىڭ بىر يۈرۈش قائىدىلىرى بولىدۇ: ئېھرام باغلايدۇ، ئېھرام باغلاپ بولغاندىن كېيىن، <كەلدىم. ئى ئاللا! ئەمرىڭگە ئەمەل قىلىپ كەلدىم> دەپ توۋلاپ تۇرىدۇ؛ بەيتۇللانى ئايلىنىپ شەرق تەرەپتىكى <مەقامى ئىبراھىم> غا بېرىپ، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ، ئاندىن جەنۇب تەرەپتىكى زەمزەم بۇلىقىغا بېرىپ زەمزەم سۈيى ئىچىدۇ؛ ئارىلىقى 420 مېتىر كېلىدىغان سەفا تېغى بىلەن مەرۋە تېغى ئوتتۇرىسىدا ئۇ تاغدىن بۇ تاغقا، بۇ تاغدىن ئۇ تاغقا سەئىي قىلىدۇ. مىنادا ياتىدۇ، تۈنەيدۇ، ئەرەفات تېغىغا بارىدۇ. ھىجرىيە 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتە مەككىنىڭ شەرقىدىكى 52 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەرافات تېغىدا تەنتەنىلىك دۇئا - تىلاۋەت قىلىنىدۇ، ناماز ئوقۇلىدۇ. ئىمام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئۇسۇلى بويىچە، چوڭ تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ۋەز ئېيتىدۇ. كۈن ئولتۇرغاندا كىشىلەر مەككىگە قايتىدۇ. يول ئۈستىدە مۇزدەلىفە تېغىدا تۈنەيدۇ. بۇلاردىن باشقا، شەيتانغا تاش ئاتىدۇ ۋە قۇربانلىق قىلىدۇ. يۇقىرىقى مۇراسىملار ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن، چېچىنى چۈشۈرۈپ، تىرنىقىنى ئېلىش لازىم. 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ياكى 11 - كۈنى يەنە كەبىگە بېرىپ، كەبىنى يەتتە قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ. بۇ مەككىدىن كېتىشتىن بۇرۇنقى ھەججەتۇل ۋىدا (ۋىدالىشىش ھەجى) بولىدۇ. بۇ چاغدا پەرھىزلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالىدۇ. بەزىدە مەدىنىگە بېرىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى يوقلايدۇ.