Uyghur主要词典
ھاشارات ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈل
بىئولوگىيە
چاڭلىشىشنى ھاشارات ئارقىلىق تاماملايدىغان گۈل. ھاشارات ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈلى بولغان ئۆسۈملۈك ھاشارات ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ چەتتىن چاڭلىشىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن، شاپتۇل، ئاپېلسىن، كەركىدانگۈل، جۇڭگو كەتىراسى قاتارلىقلار. ئادەتتىكى ئالاھىدىلىكى؛ گۈلى چوڭ ياكى گۈل رېتى روشەن بولىدۇ؛ گۈل يېپىنچىسىنىڭ رەڭگى ئوچۇق بولۇپ، خۇش پۇراق ۋە ھەسەل بېزى بولىدۇ. بۇ ھاشاراتلارنىڭ تونۇپ، ھەسەل شىرنىسى ۋە گۈل چېڭى يىغىشقا پايدىلىق؛ گۈل چېڭى چوڭ، يېپىشقاق ۋە ئېغىر بولىدۇ، سىرتقى پوستىدا ئۆسۈكچە بولۇپ، ھاشارات تېنىگە ئاسان يېپىشىۋالىدۇ. ئۇزۇن يىللىق تەبىئىي تاللىنىش ئارقىلىق ھاشرات ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈل بىلەن چاڭلاشتۇرىدىغان ھاشارات ئوتتۇرىسىدا ئەپچىل ماسلىشىش مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن. مەسىلەن، گۈلنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، تۈزۈلۈشى ۋە ھەسەل بېزىنىڭ ئورنى بىلەن ھاشارات تېنىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ئېغىز ئورگانلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە مۇناسىۋەت بولىدۇ، شۇڭا بەلگىلىك چوڭلۇقتىكى گۈلنى پەقەت بەلگىلىك ھاشارات چاڭلاشتۇرىدۇ.