Uyghur主要词典
ھاشارات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بوغۇنلۇق ھايۋاناتنىڭ بىر تۈرى. تۈرى كۆپ، بەزىلىرى پايدىلىق (ھەسەل ھەرىسى)، بەزىلىرى زىيانلىق (چىۋىن).
قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەر. قۇرت ياغاچنى ئىچىدىن يەر. پايدىلىق ھاشاراتلارنى ئاسىرا. قۇرت - قوڭغۇر پايدىلىق، زىيانلىق دەپ ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. پايدىلىقىنى ساقلاش، زىيانلىقىنى يوقىتىش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
زوئولوگىيە
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ بىر كلاسى. ئۇلارنىڭ تېنى باش، كۆكرەك ۋە قورساقتىن ئۈچ جۈپ پۇتى، ئىككى ياكى بىر جۈپ قانىتى بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ قانىتى بولمايدۇ؛ قورساق قىسمىدا بوغۇملىرى ئىككى يېنىدا ھاۋا تۆشۈكچىلىرى بولىدۇ، بۇ نەپەسلىنىش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ساندىكى ھاشاراتلار تۇخۇم لېچىنكا، قورچاق ۋە يېتىلگەن تەندىن ئىبارەت تۆت باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ. مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسى، پاشا، چىۋىن، بۈرگە، چېكەتكە ۋە كۆكپىت قاتارلىقلارغا ئوخشاش.