Uyghur主要词典
ھاشاراتلار سىنىپى
بىئولوگىيە
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. تېنى باش، كۆكرەك، قورساق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. باش قىسمىدا ئېغىز ئاپپاراتى بولىدۇ (ھەر خىل ھاشاراتلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە ئوزۇق تۇتۇش ئۇسۇلى ئوخشىمىغانلىقتىن، ئېغىز ئاپپاراتىمۇ ھەر خىل تۈردە ھەر خىل تىپلىق بولىدۇ). بىر جۈپ ئانتېننىسى 2 - 3 دانە ئاددىي كۆزى ۋە بىر جۈپ مۇرەككەپ كۆزى بولىدۇ (بەزى ئىپتىدائىي تۈرلىرىدە مۇرەككەپ كۆزى بولمايدۇ). كۆكرەك قىسمى ئۈچ تەن بوغۇمىدىن تۈزۈلۈپ، ھەر بىر كۆكرەك بوغۇمىدا بىر جۈپتىن پۇتى بولىدۇ، كۆكرەك پۇتىنىڭ ئەسلىدىكى ئىپتىدائىي رولى ھەرىكەتلىنىش ئورگىنى بولسىمۇ، لېكىن ھەر خىل ھاشاراتلاردا ئوخشىمىغان ياشاش مۇھىتى ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا ماسلىشىش نەتىجىسىدە، ئالاھىدىلىشىپ نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان فۇنكسىيىگە ئىگە تۈزۈلۈشلەرنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ، كۆكرەك قىسمىدا ئادەتتە يەنە بىر جۈپ ياكى ئىككى جۈپ قانىتى بولىدۇ (ياكى بولمايدۇ). قورساق قىسمى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئوب بىر بوغۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، رەسمىي (مېڭىش) پۇتى بولمايدۇ، لېكىن كۆپىنچىسىنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدا بىر جۈپ قۇيرۇق بۇرۇتچىسى بولىدۇ، قورساق قىسمىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا ئانۇسى ھەم سىرتقى كۆپىيىش ئورگىنى بولىدۇ. بەدەن سىرتىدا خىتىنلىق سىرتقى سۆڭىكى بار، كاناي ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ. يەككە جىنسلىق، كۆپىنچىسى تۇخۇم تۇغىدۇ، تۆرەلمىدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئادەتتە ھەممىسىنىڭ ھالەت ئۆزگەرتىشىنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ، بىۋاسىتە يېتىلىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئوزۇقلىنىشى مۇرەككەپ، ئۆسۈملۈك بىلەن ئوزۇقلىنىدىغانلىرى، گۆشخورلىرى، چىرىندىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان ۋە ئارىلاش ئوزۇقلىنىدىغانلىرى ياكى پارازىتلىنىدىغانلىرى بولىدۇ. ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، يەر يۈزى، يەر ئاستى، ھەر خىل سۇ، ئاسمان (ھاۋا) ياكى جانلىق تەنىلەرنىڭ ئىچى - سىرتىغا كەڭ تارقالغان. ھازىر مەلۇم بولغان تۈرلىرىنىڭ سانى مىليون تۈرگەن يېتىپ، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان پۈتۈن ھايۋان تۈرلىرىنىڭ بەشتىن تۆت قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئىندىۋىدلىرىنىڭ سانى تېخىمۇ ساناپ تۈگەتكۈسىز. ناھايىتى كۆپلىگەن تۈرلىرى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە، خەلق ئىگىلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان زىيانداش ھاشاراتلار ھېسابلىنىدۇ، يەنە بەزىلىرى پايدىلىق ھاشارات ياكى بايلىق خاراكتېرلىك ھاشاراتلاردۇر. قانىتىنىڭ بار - يوقلۇقىغا ئاساسەن قاناتسىز ۋە قاناتلىق دەپ ئىككى كەنجى سىنىپقا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئادەتتە 33 ئەترەتكە بۆلۈنىدۇ.